توربىكەتكە ئۇيغۇرچە تونۇتۇش يەنى eot تونۇتۇشمۇ دەپ ئاتىلىدۇ،خەت نۇسقىسى توربىكەتنىڭ كۆرۈنمە يۈزىگە نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينايدۇ، نۆۋەتتە مەن تورداشلارغا توربىكەتكە ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسىنى قانداق تونۇتۇشنى سۆزلەپ ئۆتمەكچى،ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش ياكى ئۆزى توربىكەت يازغاندا بۇ ئۇسۇلنى تامامەن ئىشلىتىشكە بولىدۇ.تۆۋەندە مەن مەزكۇر بىلوگقا ئىشتىلگەن Alp Ekran خەت نۇسقىسىنى ئۈلگە قىلىپ ئۆتىمەن.
eot،ttf ھۆجىتى
ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ئۈچۈن چوقۇم eot،ttf ھۆجىتى بولۇش كىرەك،ئاۋال توربىكەتنىڭ باش مۇندەرجىسى ئىچىگە fonts
دەپ ھۆججەت قۇرىمىز ئاندىن eot،ttf بۇ ئىككى ھۆجەتنى fonts مۇندەرجىسنىڭ ئىچىگە قويىمىز،تۆۋەندىكى رەسمدىكىدەك.
- ئەگەر eot ھۆجىتى بولمسا بۇيەرنى بىسىپ eot ھۆجىتى ھاسىللاڭ.
- ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى فونتلىرى.
css كود
ئۆزىمىز بىر css ھۆججىتى قۇرىمىز ياكى ئەسلىدە مەۋجۇت بولغان css ھۆججەتنىڭ ئەڭ ئۈستىگە تۆۋەندىكى css كودنى كۆچۈرۈپ چاپلايمىز،ئادەتتە Typecho،WordPress قاتارلىق سىسىتىمىلاردا style.css دەپ بىر ھۆججەت بار،مۇشۇ css ھۆججەتنىڭ ماس يىرىگە چاپلىساق بولىدۇ.تۆۋەندىكى css كودنىڭ رولى توركۆرگۈچكە تور بىكەتتىكى مەزمۇننى قايسى خەت نۇسقىسى ئارقىلىق كۆرسىتىشنى ئىيتىپ بىرىش.
@charset "UTF-8";
@font-face { font-family: "Alp Ekran";font-weight:normal;src: url('fonts/AlpEkran.eot'); /* IE */src: local("Alp Ekran"),local("Alpida Unicode System"), local("Alp Ekran"),url("fonts/AlpEkran.ttf") format("TrueType"); }/* non-IE */
@font-face {font-family: 'Alp Ekran'; src: url('fonts/AlpEkran.eot?') format('embedded-opentype'), url('fonts/AlpEkran.ttf') format('truetype') }
@font-face{font-family:"Alp Ekran";font-weight:normal;src:url('fonts/AlpEkran.eot'); src:local("Alp Ekran"),url("fonts/AlpEkran.ttf") format("TrueType");}
body{font-family:Alp Ekran, Exo,'-apple-system','Open Sans',HelveticaNeue-Light,'Helvetica Neue Light','Helvetica Neue','Hiragino Sans GB','Microsoft YaHei',Helvetica,Arial,sans-serif;font: 15px/1.5 UKIJ Ekran,Alp Ekran,Alpida Unicode System,UKIJ Tuz Tom,Microsoft Uighur,DejaVu Sans,Helvetica Neue,Segoe UI,Helvetica,Tahoma,Arial,sans-serif;}
ئەسكەرتىش : مەن مەزكۇر بىكەتكە ئىشلەتكەن Alp Ekran خەت نۇسقىسنى مىسالغا ئالدىم،css كودىدىمۇ Alp Ekran دەپ ئىلىنغان،بۇنى ئۆزىمىز ئىشلەتكەن خەت نۇسقىسىنىڭ نامىغا قارىتا مۇۋاپىق ئۆزگەرتىمز،يەنە بىر دىققەت قىلىشقا تىگشلىك نۇقتا خەت نۇسقىسنىڭ نامى،ھۆججەت ئادرىسى توغرا بولۇشى كىرەك.
مەزكۇر يازما TARQAT تەرپىدىن يىزىلغان
بۇ بىكەتتىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ
ئەڭ ئاخىرقى قىتىملىق تەھرىرلەنگەن ۋاقتى : Dec 29, 2019 at 05:42 pm
رەھمەت سىزگە، لىكىن مەن مۇشۇ بويىچە مەشغۇلات قىلىپ قىلاممىدىم يا
font-family دىگەننى ئەسلىدىكى css كوددىن ئىزدەپ تىپىپ font-family:Alp Ekran دىگەن مۇشۇنى قۇشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ
ئىشقىلىپ مەن غەلبىلىك ھالدا قىلالمىدىم
font-family دىگەننى ئەسلىدىكى css كوددىن ئىزدەپ تىپىپ font-family:Alp Ekran دىگەن مۇشۇنى قۇشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ
بۇنىڭدىن باشقىمۇ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللا با
ئورتاقلىشىپ باقىلى دەپ باقسىڭىز
http://www.font2web.com/
مۇشۇ تور بەتكە چىقىپ تۇنۇتماقچى بولغان خەت نۇسقىسىنى توربەتكە قاچىلاپ eot نى چۈشۈرۋالغاندىن كىيىن قاچىلىسا بىۋاستە تۇنۇيدۇ ھەم يانڧۇن ئەپلىرىگىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا تۇنۇتۇشقا بولىدۇ
ماۋۇ بولىدىغان ئۇسۇلكەن،ئاشۇ css ھۆججەتنى ئۇلاپ قويساقلا بولىدىكە
تور بېتىڭىزنىڭ لەھىيەسىنى ياقتۇردۇم ، مەنمۇ تور بېتىمگە ئۇيغۇر تىلىنى قاتاي دېگەن سىزنىڭكىدىن ئۆرنەك ئالسام بولغۇدەك.
ياخشى سۆزلىنىپتىكەن بولسا Alp Ekran خەت نۇسقىسىنى بىللە تەمىنلىۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتىكەن ، سىزچىچۇ ...