تور بىكەتكە ئۇيغۇرچە تونۇتۇش
     پىروگىرامما   جەمى 10 باھا

تور بىكەتكە ئۇيغۇرچە تونۇتۇش

     پىروگىرامما     جەمى 10 باھا

119000_2988_9.jpg
توربىكەتكە ئۇيغۇرچە تونۇتۇش يەنى eot تونۇتۇشمۇ دەپ ئاتىلىدۇ،خەت نۇسقىسى توربىكەتنىڭ كۆرۈنمە يۈزىگە نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينايدۇ، نۆۋەتتە مەن تورداشلارغا توربىكەتكە ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسىنى قانداق تونۇتۇشنى سۆزلەپ ئۆتمەكچى،ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش ياكى ئۆزى توربىكەت يازغاندا بۇ ئۇسۇلنى تامامەن ئىشلىتىشكە بولىدۇ.تۆۋەندە مەن مەزكۇر بىلوگقا ئىشتىلگەن Alp Ekran خەت نۇسقىسىنى ئۈلگە قىلىپ ئۆتىمەن.

eot،ttf ھۆجىتى

ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ئۈچۈن چوقۇم eot،ttf ھۆجىتى بولۇش كىرەك،ئاۋال توربىكەتنىڭ باش مۇندەرجىسى ئىچىگە fonts دەپ ھۆججەت قۇرىمىز ئاندىن eot،ttf بۇ ئىككى ھۆجەتنى fonts مۇندەرجىسنىڭ ئىچىگە قويىمىز،تۆۋەندىكى رەسمدىكىدەك.

3.png

css كود

ئۆزىمىز بىر css ھۆججىتى قۇرىمىز ياكى ئەسلىدە مەۋجۇت بولغان css ھۆججەتنىڭ ئەڭ ئۈستىگە تۆۋەندىكى css كودنى كۆچۈرۈپ چاپلايمىز،ئادەتتە Typecho،WordPress قاتارلىق سىسىتىمىلاردا style.css دەپ بىر ھۆججەت بار،مۇشۇ css ھۆججەتنىڭ ماس يىرىگە چاپلىساق بولىدۇ.تۆۋەندىكى css كودنىڭ رولى توركۆرگۈچكە تور بىكەتتىكى مەزمۇننى قايسى خەت نۇسقىسى ئارقىلىق كۆرسىتىشنى ئىيتىپ بىرىش.

@charset "UTF-8";
@font-face { font-family: "Alp Ekran";font-weight:normal;src: url('fonts/AlpEkran.eot'); /* IE */src: local("Alp Ekran"),local("Alpida Unicode System"), local("Alp Ekran"),url("fonts/AlpEkran.ttf") format("TrueType"); }/* non-IE */
@font-face {font-family: 'Alp Ekran'; src: url('fonts/AlpEkran.eot?') format('embedded-opentype'), url('fonts/AlpEkran.ttf') format('truetype') }
@font-face{font-family:"Alp Ekran";font-weight:normal;src:url('fonts/AlpEkran.eot');  src:local("Alp Ekran"),url("fonts/AlpEkran.ttf") format("TrueType");}
body{font-family:Alp Ekran, Exo,'-apple-system','Open Sans',HelveticaNeue-Light,'Helvetica Neue Light','Helvetica Neue','Hiragino Sans GB','Microsoft YaHei',Helvetica,Arial,sans-serif;font: 15px/1.5 UKIJ Ekran,Alp Ekran,Alpida Unicode System,UKIJ Tuz Tom,Microsoft Uighur,DejaVu Sans,Helvetica Neue,Segoe UI,Helvetica,Tahoma,Arial,sans-serif;}

ئەسكەرتىش : مەن مەزكۇر بىكەتكە ئىشلەتكەن Alp Ekran خەت نۇسقىسنى مىسالغا ئالدىم،css كودىدىمۇ Alp Ekran دەپ ئىلىنغان،بۇنى ئۆزىمىز ئىشلەتكەن خەت نۇسقىسىنىڭ نامىغا قارىتا مۇۋاپىق ئۆزگەرتىمز،يەنە بىر دىققەت قىلىشقا تىگشلىك نۇقتا خەت نۇسقىسنىڭ نامى،ھۆججەت ئادرىسى توغرا بولۇشى كىرەك.

كۆرسەتمە
  1. ablimit

    رەھمەت سىزگە، لىكىن مەن مۇشۇ بويىچە مەشغۇلات قىلىپ قىلاممىدىم يا

    جاۋاب
    1. @ablimit

      font-family دىگەننى ئەسلىدىكى css كوددىن ئىزدەپ تىپىپ font-family:Alp Ekran دىگەن مۇشۇنى قۇشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ

      جاۋاب
  2. ئىشقىلىپ مەن غەلبىلىك ھالدا قىلالمىدىم

    جاۋاب
    1. @پاراڭخور

      font-family دىگەننى ئەسلىدىكى css كوددىن ئىزدەپ تىپىپ font-family:Alp Ekran دىگەن مۇشۇنى قۇشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ

      جاۋاب
  3. Q 博士

    بۇنىڭدىن باشقىمۇ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللا با

    جاۋاب
    1. @Q 博士

      ئورتاقلىشىپ باقىلى دەپ باقسىڭىز

      جاۋاب
      1. @TARQAT

        http://www.font2web.com/
        مۇشۇ تور بەتكە چىقىپ تۇنۇتماقچى بولغان خەت نۇسقىسىنى توربەتكە قاچىلاپ eot نى چۈشۈرۋالغاندىن كىيىن قاچىلىسا بىۋاستە تۇنۇيدۇ ھەم يانڧۇن ئەپلىرىگىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا تۇنۇتۇشقا بولىدۇ

        جاۋاب
        1. @Q-博士

          ماۋۇ بولىدىغان ئۇسۇلكەن،ئاشۇ css ھۆججەتنى ئۇلاپ قويساقلا بولىدىكە

          جاۋاب
  4. تور بېتىڭىزنىڭ لەھىيەسىنى ياقتۇردۇم ، مەنمۇ تور بېتىمگە ئۇيغۇر تىلىنى قاتاي دېگەن سىزنىڭكىدىن ئۆرنەك ئالسام بولغۇدەك.

    جاۋاب
  5. ياخشى سۆزلىنىپتىكەن بولسا Alp Ekran خەت نۇسقىسىنى بىللە تەمىنلىۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتىكەن ، سىزچىچۇ ...

    جاۋاب