Qarluq.UIME.js نى نىمىگە ئىشلىتىمىز؟
بۇنىڭغا بىۋاستا ئىنىقلىما بىرۋەتسەك سەل چۈشۈنۈكسىز بولۇپ قالغۇدەك،شۇڭا ئاۋال مەسىلىنى بايان قىلىپ ئاندىن جاۋابىنى يەكۈنلەپ چىقايلى.
ھازىر نۇرغۇن ئۇيغۇرچە توربىكەتلەرگە زىيارەت قىلغان كومپىيۇتىرغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلانمىغان ئەھۋالدىمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ،بۇنى ھەل قىلىشتا قوللانغان ئۇسۇل بولسا ھەرقىتىم ھەرپ كۇنۇپكىسى بىسلغاندا، بىسلغان ھەرىپنى ماس ھالدىكى ئۇيغۇرچە ھەرىپكە ئالماشتۇرۋىتىش،لىكن بۇنىڭدا بىر مەسىلە مەۋجۇت،يەنى ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىىنچە ھەرىپنى ئارلاش كىرگۈزگىلى بولماسلىق،مەسلەن «مەن php نى ئۆگۈنۋاتىمەن » دەپ كىرگۈزمەكچى بولساق،«php» بۇ خەتنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن باشقا يەرگە يىزىۋىلىپ ئاندىن كۆچۈرۈپ چاپلايمىز،بولمسا كىرگۈزگەن «php» دىگەن بۇ قىسمى «پخپ» گە ئايلىنىپ قالىدۇ ،بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىىنچە ھەرىپنى ئارلاش كىرگۈزگىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىغىلى بولىدۇ.
يەنە بىر مەسىلە ھازىر نۇرغۇن بىلوگلارنىڭ ئاستى تەرىپىدە ئىنكاس يازىدىغان قىسمىدا تەخەللۇس،ئىلخەت،توربىكەت،باھا قاتارلىق كۆزنەكلەر بار،بۇنىڭ ئارىسىدىن ئىلخەت ۋە توربىكەت بۇ ئىككى كۆزنەككە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش بىھاجەت،لىكىن كۆپ ساندىكى بىلوگلارنىڭ بۇ ئىككى كۆزنىكى ئۆزھال ھالىتى (默认) ئۇيغۇرچە،بۇنى ئەلۋەتتە چەكلىۋەتسەك بولىدۇ،بۇ ئارقىلىق خالىغانچە ئۇيغۇرچە كىرىدىغان كىرمەيدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدۇ.
يەنە بىر مەسىلە بولسا تەھرىرلىگۈچلەرگە ئۇيغۇرچە تونۇتۇش،ئادەتتە توربىكەت سىستىمىلىرىنى تەرجىمە قىلغاندا ،سىستىما تەھرىرلىگۈچىگە ئۇيغۇرچە تونۇتۇش بۇ باش قاتۇرۇشقا تىگىشلىك مەسىلە،لىكىن بۇنىڭمۇ ناھايتى ئاسان ھەل قىلىش چارىسى بار،مەن ueditor,ckeditor,kindeditor بۇ 3 تەھرىرلىگۈچنى سىناق قىلىپ باقتىم،پەقەت بۇ js ھۆججەتنى ئۇلاپلا قويساق بولىدۇ،ھىچقانداق تەڭشەش ئىلىپ بىرىش ھاجەتسىز،بۇ ئارقىلىق تەھرىرلىگۈچلەرگە ئۇيغۇرچە بىۋاستە كىرگۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا مۇنۇ ئالاھىدىكىلىرىمۇ بار.
بىر كۇنۇپكا بىلەن يۆلىنىش ئالماشتۇرۇش.
.................
Qarluq.UIME.js نى قانداق ئىشلىتىمىز؟
بۇ js نى قارلۇق شىركىتىدىن ئادىلجان ياسىن مۇئەللىم يىزىپ چىققان،بارلىق ھوقۇق ئادىلجان مۇئەللىم ۋە قارلۇق شىركىتىگە تەۋە.
ئاۋال Qarluq.UIME.js نى چۈشۈرىمىز،ئورگان بىتىدىن ياكى مىنىڭ بىلوگۇمدىن چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ.
توربىىكەت مۇندەرجىسىگە قۇيۇپ ئۇلاپ قويساقلا بولىدۇ.
<script type="text/javascript" src="Qarluq.UIME.js"></script>
خاسلىقلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن Qarluq.UIME.js نىڭ ئىچىدىكى بۇ كود قىسمىغا ئۆگەرتىش كىرگۈزىمىز.
var notug = "[exampleInputEmail2][exampleInputPassword3]";
var yesug = "";
var bodyFonts = 'Alp Ekran';
var bodyDir = "rtl";
ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى چەكلەش،چەكلىمەكچى بولغان كۆزنەكنىڭ ID سنى بۇيەرگە تولدۇرىمىز.
var notug = "[exampleInputEmail2][exampleInputPassword3]";
ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان كۆزنەكنى بەلگىلەش،بەلگىلىمەكچى بولغان كۆزنەكنىڭ ID سنى بۇيەرگە تولدۇرىمىز،ئەگەر قۇرۇق قويساق چەكلىۋەتكەن كۆزنەكلەردىن باشقا كۆزنەكلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۆزھال ھالەتتە (默认) ئۇيغۇرچە كىرىدۇ.
var yesug = "";
مەزكۇر يازما TARQAT تەرپىدىن يىزىلغان
بۇ بىكەتتىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ
ئەڭ ئاخىرقى قىتىملىق تەھرىرلەنگەن ۋاقتى : Apr 25, 2019 at 04:01 pm
ئېسىل