typecho ئارقىلىق بىلوگ قۇرۇش
     ئۇنۋىرسال  پىروگىرامما   جەمى 2 باھا

typecho ئارقىلىق بىلوگ قۇرۇش

     ئۇنۋىرسال  پىروگىرامما     جەمى 2 باھا

192857xdd555x58d5xrg55.jpg
ئىمتاھانلارنى تۈگۈتۈپ ئ‍ۆيگىمۇ كىلۋالدۇق مانا،يىڭى يىل كىرىپ بىرمۇ تىما يوللاپ باقماپتىمەن،ماۋسۇملۇق ئىمتھانغا تەييارلىق قىلىپ ئالدىراش دىگەننى باھانە قىلىپ تۇراي .يىقىندىن بۇيان بىلوگ ئىچىشقا قىززىقىدىغانلار سەل كۆپەيگەن چىراي،بىلوگ قۇرغۇسى بار لىكىن ئىشنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي قالغانلار خىلى كۆپكەن.مەنمۇ دەسلەپتە بىلوگ قۇراي دەپ باشلىغاندا جىق ئ‍ەگرى-بۈگرى يوللارنى ماڭغان، باشتا بىلوگنى ئۆزۈم نۆلدىن يازىدىغان نوچى دەپ ،خىلى ۋاقىت سەرپ قىلىپ يىزىپ چىقتىم،لىكىن يوچۇقنى ياماپ بولالماي ئاخىرى تاشلىۋەتتىم،كىيىن سەل مۇكەممەلراق بىلوگ سىستىمىسىنى ئىشلىتەي دەپ wordpress نى تاللىدىم،ئ‍ۆزۈمگە يارىغۇدەك ئۇسلۇب تاپالماي، ئۆزۈم يىزىپ چىققان html بەتنى ھەپلىشىپ يۈرۈپ wordpress كە ئۆزلەشتۈردۈم ،ھەممنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ بوشلۇقۇمغا يوللۇدۇم،بىلوگ يىزىشنى ئەمدى باشلايدىغان بولدۇم دەپ قاراپ ئولتۇرسام بىلوگۇم ئىككى مىنۇتتا ئاران ئىچىلدى،قايتا قايتا سىنىساممۇ يەنە شۇنداق،ئىچىمدە قوي تۆگە (草泥马) دىن نەچچە مىڭنى دەپ بۇنىمۇ تاشلىۋەتتىم ,ئەمدى يىنىكرەك بىلوگ سىستىمىسىدىن بىرنى تاپمىسام بولماپتۇ دەپ ئىزدەپ يۈرۈپ typecho نى تاپتىم،بۇ سىستىمىنى دوغاپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بوپتىكەن،قارىسام چوڭ كىچىكلىكى 400k ئەتراپىدىكەن،ھە مۇشۇ بولىدىكەن دەپ ئ‍ۆزۈم ياقتۇرغان بىر ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىپ ئۆزگەرتىپ بىلوگنى ماڭدۇرۋالدىم،نۇرغۇن جەريانلارنى بىسىپ ئۆتكەندىن كىيىن بىلوگ مانا ھازىرقىدەك ھالەتكە كەلدى.بىلوگ قۇرۇش ئويىدا بولۋاتقان تورداشلارغا typecho نى قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن.

typecho بولسا سۈرىتى تىز،سىغىمى كىچىك ..... قاتارلىق ئالاھىدىكلەرگە ئىگە بولغان بىرخىل بىلوگ سىستىمى(بەش مىنۇتتا چەستەي بىلوگدىن بىرنى قۇرۋەتكىلى بولىدۇ دىمەكچىدە بۇيەردە).

ئەمدى نەخ گەپكە كەلسەك،مەن تورداشلارغا typecho دا قانداق قىلىپ بىلوگ قۇرۇپ چىقىشنى كۆرسىتىپ قويماقچى،باشلاپ كەتتۇق ئەمىسە!

typecho ئىجرا بولۇش مۇھىت ئۆلچىمى

typecho نى چۈشۈرۈش

typecho نى قاچىلاش

ئۈستىدىكى ئادىرىستىن چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن بولاقتىن يىشىمىز،ئاندىن typecho ھۆجىتىنى بوشلۇقىمىزغا يوللايمىز،ئاندىن توركۆرگۈچ ئارقىلىق مۇشۇ مۇندەرجىنى ئاچىمىز،تۆۋەندىكى رەسمدىكىدەك چىققان بولسا دىمەك ئالدىنقى باسقۇچلىرى ھەممىسى مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى دىگەن گەپ.
193559zh6app03a20bn250.png

193600njvn9a1pbqjh4jf2.png

ئەسكەرتىش:ساندان نامىنى تولدۇرغاندا دىققەت قىلىش كىرەك،ئەگەر يەرلىكتە قاچىلىغاندا تولدۇرغان ساندان چوقۇم ئالدىن قۇرۇپ تەييار قىلىپ قويۇلغان بولۇشى كىرەك.

193600w014048d8xhz8qy2.png
193601omiziikzgvietgd1.png
193601xpg5my512g5j1s7j.png
ئەسكەرتىش:سىستىما ئۆزىدىكى ئۇسلۇبنى يۇيۋەتكەن،شۇڭا رەسىمدىكى Affinity دىگەن ئۇسلۇبنى قوزغىتىشىمىز كىرەك،بولمىسا باش بەتتە خاتالىق كۆرىلىدۇ.

193602fh873h39ww8smvs9.png
دىمەك بىلوگ ئاساسى جەھەتتىن پۈتتى دىگەن گەپ،بىلوگىرلىق ھاياتىڭىزنى باشلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ!!

كۆرسەتمە
  1. ئالىمجان

    توربەتكە icp ئىلتىماس قىلىشنى سۆزلەپ ئۆتكەن بولسىڭىزرەھمەت.

    جاۋاب
  2. نەچچە كۈن ئىلگىرى emlog دا بىرنى قۇرغان ، مانىڭغا ئۆزگەرتىپ باقايمۇ يە

    جاۋاب