ئالدىنىقى بىلوگ قۇرۇش توغۇرلۇق يازمىدىن كىيىن ھىسقىلىشىمچە كۆپىنچە تورداشلارنىڭ ئورتاق ئىنكاسى typecho نىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبىنىڭ ئاز بولۇش مەسلىسىكەن.شۇڭلاشقا نەچچە كۈن سەرپ قىلىپ بۇ ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىپ ئەلالاشتۇرۇپ چىقتىم.بۇ ئۇسلۇب مەن بۇرۇن بىلوگ قۇرۇشقا ئىشلىتىشكە پىلانلىغان ئۇسلۇبلاردىن بىرى،ئەگەر بىلوگۇمنىڭ ھازىرقى ئۇسلۇبى ئۇچراتمىغان بولسام مۇشۇ ئۇسلۇبنى چوقۇم تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتەتتىم.ئالدىنىقى يازمىدا ئىيتىپ ئۆتكەندەك typecho ئىچىلىش سۈرىتى بىر قەدەر تىز،يەنە تىخى Markdown قوللايدۇ،يەنە نۇرغۇن ئالاھىدىكلىرى بار،ئەگەر ئۆزۈڭلار سىناپ باقساڭلار نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقىنى بايقايسىلەر،كەمچىللىكىمۇ بار ئەلۋەتتە.يەنىلا ئۇسلۇبنىڭ گىپىگە قايتىپ كىلەيلى!
ئۇسلۇب كۆرۈنمە يۈزى
ئۇسلۇبنىڭ ئالاھىدىكىلىرى:
- كۆرىنىشى كۆركەم.
- ھەرخىل كۆچمە ئۈسكۈنلەرگە ماسلىشىدۇ(bootsrap ئىشلىتىلگەن).
- كود يورۇتۇش ئىقتىدارى بار.
- .................
ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈش
ئىشلىتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:
ئۇسلۇب ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن،ھۆججەتنى usr\themes
مۇندەرجىسى ئىچىگە قويىمىز،ئاندىن سىستمىنىڭ ئارقا بىتىدىن بۇ ئۇسلۇبنى قوزغاتساقلا بولىدۇ.
ئەسكەرتىش:ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرگىچىنىڭ بىكەت ئۇلانمىسىنى يۇيۋىتىشكە ياكى ئۆچۈرۋىتىشكە بولمايدۇ(باشقىلارنىڭ ئەمگىكە بولغان ھۆرمەت دەپ ئويلۇدۇم ئۆزەمچە).
مەزكۇر يازما TARQAT تەرپىدىن يىزىلغان
بۇ بىكەتتىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ
ئەڭ ئاخىرقى قىتىملىق تەھرىرلەنگەن ۋاقتى : Jun 4, 2019 at 12:10 pm