سىن قانال(视频号)ھەققىدە
     ئۇنۋىرسال   جەمى 2 باھا

سىن قانال(视频号)ھەققىدە

     ئۇنۋىرسال     جەمى 2 باھا

tag.png

سىن قانال بىلەن دوستلار چەمبىرىكىدىكى قىسقا فىلىمنىڭ قانداق پەرقى بار ؟

دوستلار چەمبىرىكى قىسقا فىلىم بولسا كۈندىلىك تۇرمۇش ، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىدۇ، يەنى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ مەزمۇنىنى نامايەن قىلىمىز . سىن قانالدا ھازىر بىر مىنۇتلۇق قىسقا فىلىم يوللىغىلى بولىدۇ ، قىسقا سىن مەزمۇنلىرىنى ئىجاد قىلغۇچىلار كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەزمۇنلىرى قاتارلىقلار ،قىسقا فىلىم تەھرىرلەش دىتاللىرىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ، تېخىمۇ كۆپ قىسقا فىلىم مەزمۇن ئىجادىيەتچىلىرى مەيدانغا كېلىدۇ .

سىن قانال بىلەن ئ‍ۈندىدار سالونىڭ قانداق پەرقى بار ؟

ئۈندىدار سالونى سۈرەت - يېزىق ئىجادىيەت سۇپىسى ، سىن قانال بولسا قىسقا فىلىم مەزمۇن ئىجادىيەت سۇپىسى ، ئىككىسىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ئۈندىدار مەزمۇن ئېكولوگىيەسىنى بېيىتىش ، كۆپچىلىك بىلەن ئەلا سۈپەتلىك مەزمۇنى تەڭ بەھرىمەن بولۇشى . ئۈندىدار سالونى يىزىق مەزمۇن بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، قىسقا فىلىم ئىجادىيىتىنىڭ ئۆلچىمى تېخىمۇ تۆۋەن ، لېكىن ئەلا سۈپەتلىك قىسقا فىلىم ئىشلەپچىقىرىش ئۈندىدار سالونىدىكى يىزىق مەزمۇندىن كۆپ تەس .

سىن قانال بىلەن دوۋيىنىڭ قانداق پەرقى بار ؟

دوۋيىن ئۈندىدار مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنالمايدۇ ،ئەگەر بىر ئادەم دوۋيىندىكى بىر قىسقا فىلىمنى دوستىغا يوللاپ بەرمەكچى بولسا ، ۋىدىئونى ساقلىۋېلىپ ، ئۈندىداردا باشقىلارغا يوللاپ بېرىشى ياكى ئىككىلىك كودنى باشقىلارغا يوللاپ بېرىشى كېرەك .سىن قانال قىسقا فىلمنى بىر كۇنۇپكا بىلەنلا دوستلار ، توپ ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىغىلى بولىدۇ . بۇ سىن قانال قىسقا فىلملىرىنىڭ تىخىمۇ كەڭ تارقىلىشىغا پايدىلىق.

سىن قانال كەلگۈسى ھەققىدە

سىن قانال ھازىرچە ئىقتىدارى بىرلا خىل ، ئ‍ۈندىدار سالونى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىق ،قىزىق نۇقتا بولغان قىسقا فىلىم سالونغا ئېقىم مىقدارى ۋە مەستانىلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ، سالونمۇ ھەم شۇ ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كىچىك سودا شەھەرچىسى قاتارلىقلارنى باغلىيالايدۇ ، شۇڭلاشقا سىن قانالنى سالون قارتارلىق ئۈندىدار ئىكولىگىيسى ئىچىدىكى بارلىق مەھسۇلاتلارنى ۋاسىتىلىك باغلىيالايدۇ دەپ قارىساق بولىدۇ،بۇنىڭدىن باشقا ، سىن قانالنىڭ كەلگۈسى كىچىك پروگرامما بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،سىن قانالغا يىڭى قوشۇلغان بىۋاستە ئاڭلىتىش ئىختىدارى ئارقىلىق ،دوۋيىن،كۈيشوۋ قارتارلىقلارغا ئوخشاش بىۋاستە ئاڭلىتىشنى تاماملىيالايدۇ.سىن قانالنىڭ كەلگۈسى پارلاق دەپ ئىيتىشقا بولىدۇ،مەسىلە سىزنىڭ قانداق ئىشلىتىشىڭىزدە.

بۇ ئىقتىدارنى ئېچىشنىڭ تەپسىلىي ئۇسۇلى:

1.ئالدى بىلەن بۇ ئىككىلىك كودنى سىكانىرلايسىز
44.png

سىكانىرلاپ بولغاندىن كىيىن مۇنداق خەت چىقىدۇ.
1221598951099_.pic_hd.jpg

2.ئاندىن چېكىنىپ چىقىپ ئۈندىدارىڭىزنىڭ 发现 دېگەن يېرىگە قارىسىڭىز 视频号 دېگەن يېڭى ئىقتىدار قوشۇلىدۇ.
WechatIMG115.jpeg

ئىچىگە كىرسىڭىز بۇنىڭدەك كۆزنەكنى كۆرەلەيسىز
WechatIMG116.jpeg

ئۈستىدىكى ئادەم بەلگىسىنى باشقاندىن كىيىن كىرىپ ئۆزىڭىزنىڭ 视频号 سىنى ياسىۋالسىڭىز بولىدۇ.ئاستىدىكى رەسىمدەك. بۇ بولسا 视频号 سى بولۇپ، دوستلىرىمىزنىڭ ئ‍ەگىشۋىلىشىنى قارشى ئالىمىز.
WechatIMG117.jpeg

ad.jpg

كۆرسەتمە
  1. كوتكوت نومۇرىڭىزنى قوشاي دىسەم چىقمايۋاتىدۇ، ئۇسلۇب ئالماقچى ئىدىم

    جاۋاب
  2. جەمشىت

    备案 ICP توغرىلىق تىما تەييارلىغان بولسىڭىز

    جاۋاب