TARQAT : كۆرۈپ تۇرغۇنۇڭلاردەك بىلوگىمىز يىڭى قىياپەتتە سىلەر بىلەن قايتا يۈزكۆرۈشتى.
ئەمەت : بۇرۇنقى يازمىلار يوققۇ؟؟؟
مەمەت : شۇنى دەيمىنا،بۇرۇنقى يازمىلارنى ئۆچۈرۋىتىپلا يىڭى قىياپەت بىلەن قايتىپ كەلدۇق دىمەكچىما؟
TARQAT:ئالدىرماي تۇرۇڭلار،ھىكايەمنى ئالدىرماي سۆزلەپ بىرەي،ئاۋال كۆز يىشىمنى سۈرتىۋالاي.
TARQAT : بىر ئىككى ئاي بۇرۇن بۇرۇن بىلوگنى Chrome تور كۆرگۈچتە ئاچسام،خەتەرلىك بىكەت دەپ ئەسكەرتىدىغان بوپ قالدى،بىر ئاماللارنى قىلىپ ھەقسىز SSL دىن بىرنى تىپىپ بۇنى ھەل قىلدىم،قىشلىق تەتىلدە ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز كاللامغا بىلوگنى قوش تىللىق خىيالى كەپ قالدى ،شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلدىم،ئەقىللىق ئادملەر سانداننى ئاۋال زاپاسلاپ قويىدۇ شۇنداققۇ ،ئەگەر سانداندىكى ئۇچۇر يوقىسا ھەممىسى يوق دىگەن گەپتە،سانداندىكى ئۇچۇرلارنى چىقىرىپ كومپىيۇتۇرۇمغا ساقلىۋالدىم ،بۇ يەردە ئەقلىمگە ئاپىرىن ئىيتىپ ئۈلگۈردۈمدە(لول لول لول).
توردىن خەنزۇچە نۇسقىدىكى Typechoدىن بىرنى چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالدىم،لىكىن بىر تور نامدا ئىككى تور بىكەت ماڭمايدىكەن،خاتالىق دىگەن ئايىماي چىقىدىكەن،بىربولسا ئايرىم ئايرىم مۇندەرجە تەڭشەپ تور نامىمنىڭ كەينىگە ئوخشىمىغان مۇندەرجە نامىنى قوشۇپ ئىشلەتسەم بولىدىكەن يا بولمىسا ئايرىم ئايرىم تور نامى ئىشلەتسەم بولىدىكەن،شۇڭلاشقا ھازىرقى بىلوگ نامىمغا ئىككىنىچى دەرجىلىك تور نامدىن بىرنى تەلەپ قىلىشنى توغرا كۆردۈم(www.cn.tarqat.com)،مىنىڭ ئىشلەتكىنىم مەۋھۇم مۇلازىمىنتىر بولغاچقا ئىككىنىچى دەرجىلىك تور نامغا ئايرىم بوشلۇق ئايرىپ بىرىش كىرەككەن،بۇنىممۇ .htaccess ھۆجىتىگە تەڭشەش ئىلىپ بىرىپ ھەل قىلدىم،شۇنداق قىلىپ www.cn.tarqat.com بۇ تورنامغا بىر خەنزۇچە بىلوگ ماڭدۇرۋالدىم ،بۇ ئىشلارنى ئىككى ئۈچ كۈندە ئاران ھەل قىلغاچقا بىرخىل مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تۇيغۇسى باردە، ئەمدى قوش بىلوگ ئوينايدىغان بولدۇم دەپ بىلوگۇمنى(www.tarqat.com) شۇنداق ئاچسام بىلوگ قۇپ قۇرۇق بوپقاپتۇ،نىمە ئىش بوپ كەتتى دەپ سانداننى تەكشۈرسەم ئەسلىدە خەنزۇچە نۇسقىسىنى قاچىلىغاندا ساندان جەدۋىلىنىڭ ئالدىغا (前缀) ئالدى قوشۇمچە قاتمىغاچقا ئەسلىدىكى جەدۋەل ئىسمى بىلەن ئوخشاپ قىلىپ ئەسلىدىكى ساندان ئىچىدىكى ئۇچۇرلارنى تازلىۋىتىپتۇ،ئىچىمدە ھىلىمۇ سانداننى زاپاسلاپ قويۇپتىكەنمە دەپ ئەقلىمگە يەنە ئاپىرىن ئوقۇدۇمدە لول لول لول.
ئاندىن سانداننى قۇرۇقداپ، ئۇيغۇرچە بىلوگنىڭ ساندانى بىلەن توقۇنۇپ قالمايدىغان قىلىپ قاچىلاپ چىقىتىم،خەنزۇچە بىلوگ نورمال بولدىغاندىن كىيىن ،زاپاسلاپ قويغان ئۇچۇرلارنى ساندانغا قايتىدىن كىرگۈزدۈم،بىلوگ ئەمدىغۇ پۈتۈپ كەتكەندۇ دەپ خىيال قىلىپ بىلوگنى قايتا ئاچتىم،بىلوگ كۆزئالدىمدا باشقىچە نامايەن بولدى،كۆزلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم..........
دەرھال سانداندىكى ئۇچۇرلارنى تەكشۈردۈم،سانداندىكى سان ۋە ئىنگىلىزچە ھەرىپتىن باشقا ھەممىسى ؟ بەلگىسىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى،ئەسلىدە ئەڭ دەسلەپتە سانداندىكى ئۇچۇرلارنى زاپاسلاپ چىقىرىدىغان ۋاقىتتا UTF-8 شەكلىدە ياكى GBK شەكىلىدە چىقىرىدىغان تالايدىغان تەڭشىكى باركەن،ئادەتتكى ئەھۋالدا بۇ تەڭشەك GBK كە تەڭشەكلىك ئىكەن،لىكىن سانداندىكى ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلار UTF-8 شەكلىدە ،لىكىن چىقارغان چاغدا بىخەستىلىك قىلىپ GBK شەكىلدە چىقارغاچقا ھەممى
سى ؟ بەلگىسىگە ئايلىنىپ قالغان ئىكەن ،ھەرخىل ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ باققان بولساممۇ بۇ ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە ئەكىلەلمىدىم،دىمەك ئىككى يىلدىن بۇيانقى يازمىلىلار ۋە تورداشلارنىڭ قىممەتلىك ئىنكاسلارنى ھەممىسى يوق بولدى دىگەن گەپ.......
لىكىن نىمە ئامال رىئاللىقىئا تەن بەرمەي ئامال بولمىدى،قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ بىزدە،ھەممىنى باشتىن باشلىماي بولمىدى،بىلوگقا ئازدۇر- كۆپتۈر ئۆزگەرتىش كىرگۈزدۈم، دىمىسەممۇ تورداشلار ئۆزگىرىشلارنى بايقىدى ھەقەچان.بۇرۇنقى يازمىلارنىڭ بەزىلىرى بىلىملەر،learnfans قاتارلىق توربىكەت بىلوگلاردا بار ئىكەن ،بۇ يازمىلارنى تاپالىشمچە قايتا يوللايمەن،تاپالمىغانلىرىمغا ئامال يوق(لول لول لول لول).
ھە راست يىقىندىن بۇيان C تىل ۋە Arduino ئۆگۈنۋاتقان، بەلكىم مۇشۇنۇڭغا مۇناسىۋەتلك يازمىلارنى يوللىشىم مۇمكىن .
ئاخىردا مىنى قوللىغان تورداشلارغا رەھمەت ئىيتىمەن،بىلوگقا قەدەم ئىزىڭلارنى قالدۇرۇپ قويۇشۇڭلارنى قارشى ئالىمەن.
ئەمەت : بىلوگنىڭ زىيارەت خاتىرسىنى كۆرۈپ باقتىڭمۇ ؟ كۈنىگە نەچچە ئادەم زىيارەت قىلىدىكەن ؟
مەمەت : شۇنى دەيمىنا، تورداشلار دەپ كەتكىنىنى تىخى،بىلوگنى ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىدىغان ئادەم ئۆزۈڭغۇ دەيمەن (لول لول لول).
TARQAT : ...........................................
مەزكۇر يازما TARQAT تەرپىدىن يىزىلغان
بۇ بىكەتتىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ
ئەڭ ئاخىرقى قىتىملىق تەھرىرلەنگەن ۋاقتى : Mar 3, 2020 at 08:55 am
ئەمەت بىلەن مەمەتنىڭ گىپى يۈرەككە سانجىلىپتۇ دە.(كالجارىغان چىراي ئىپادىسى)
mysql_query('SET NAMES utf8');
سوراقنى يوق قىلىش ئۇسۇلى
ئەينى ۋاقىتتا نادانلىق قىپتىمەنكەنتۇق
پەقەت تايىنى بار
بلوگىڭىزنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى تەبىرىكلەيمەن.... بولسا ئەينى يىللاردەك ئۇيغۇر تور تەرەققىياتىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
ياخشىمۇسىز تارقات مۇمكىن بولسا ھەقسىز SSL توغرىدا بىرەر يازما يوللىغان بولسىڭىز . بىزمۇ تەڭ پايدىلىنىپ قالغان بولساق ....